ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت بىر قىسىم مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلدى

 

23-مارت شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت ئىستانبۇلدىكى بىر قىسىم مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش شارائىتى ۋە ئوقۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزىي باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوغۇللار ياتىقى، دارۇل ئىمان مەكتىپى، نۇزۇگۇم قۇرئان كۇرسى، ئانا تىل يەسلىسى ۋە دارۇل قۇرئان قاتارلىق مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى ۋە ئوقۇش شارائىتىنى ئىگىلىدى.
ھەيئەت زىيارەت جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ «ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن دىنىي ساۋات»، ئابدۇلھەكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ «ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە جۇغراپىيەسى» دېگەن كىتابلىرىنى ھەدىيە قىلدى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارغا بۇ كىتابلارنى دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

 

بۇ خەۋەر 1181 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2019 18:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق