تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى

19-نويابىر تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى مەۋلۈت چاۋۇش ئوغلى: «ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلار داۋام قىلىۋاتىدۇ»دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
چاۋۇش ئوغلى خەلق ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھەرقانداق ئورۇندا مۇۋاپىق، توغرا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بەزى دۆلەتلەرگە ئوخشاش كۆز يۇمۇپ تۇرۇۋالمىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ھەر ۋاقىت توختاتمىغانلىقىنى، خەلقئارا سەھنىلەردە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 985 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2019 15:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق