ئاۋسترالىيە خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق ھەمكارلىقىنى توختاتتى

ئاۋسترالىيە خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق ھەمكارلىقىنى توختاتتى

ئاۋسترالىيە يەتتە خەۋەر تورىنىڭ (7News)  تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى 20 نەچچە يىل داۋاملاشقان كىشىلىك ھوقۇق ھەمكارلىقى توختىتىلغان.

مەزكۇر ھەمكارلىق ئاۋسترالىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئارىسىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۆتكەنكى ئۈچ يىلدا بۇ پىلان ئۈچۈن 7.4 مىليون دوللار سەرپ قىلىنغان.

بۇ قارار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، خوككوڭدىكى نامايىشلارنى زوراۋانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ ئىككى پارلامېنېت ئەزاسىنى چەكلىگەنلىكىگە قارىتا چىقىرىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئاندرۇ ھاستى (Andrew Hastie)  ۋە پالاتا ئەزاسى جامېس پاتېرسوننىڭ (James Paterson) كېلەركى ئايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىتايدىكى تەتقىقات زىيارىتى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلەنگەن.

ئاندرۇ ھاستى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى تەسىر كۈچى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا قارىتا تەنقىدىي پىكىرلىرىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1175 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2019 16:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق