خىتايدا چۇما ۋاباسى تارقالدى

خىتايدا چۇما ۋاباسى تارقالدى

14-نويابىر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېيجىڭدا يېڭىدىن چۇما ۋاباسى بايقىلىپ، خەلق كېسەلنىڭ يامراپ كېتىشىدىن تەشۋىشلىنىشكە باشلىغان.
خىتاي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، چۇما كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ئىككى كېسەلنىڭ بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونىدا داۋالىنىۋاتقان.
خىتاي دائىرىلىرى خەلقنى چۆچۈتۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن بۇ كېسەلنىڭ يۇقۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، بىراق خەلق يۇقۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان بۇ خىل ۋابانىڭ خىتايدا يامراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان.
چۇما ۋاباسى چاشقان ئۆپكە ۋاباسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ۋابا چۇما تاياقچە باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئادەتتە يۇقۇملانغان بىماردا قىزىتمىسى قاتتىق ئۆرلەش، دېمى سىقىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش، قان تۈكۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە كىشىلەر بۇ كېسەلنى« قارا ئۆلۈم كېسىلى» دەپ ئاتايدىكەن. بۇ خىل ۋابا 14-ئەسىردە ياۋروپا قىتئەسىدە تارقالغان بولۇپ، نەچچە مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. ئۇندىن باشقا بۇ خىل كېسەل بۇرۇن خىتاينىڭ سەنشى ۋە شەرقىي شىمال رايونلىرىدا تارقالغان.

بۇ خەۋەر 728 قېتىم كۆرۈلدى
15/11/2019 14:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق