تۈركىيەدە جۇمھۇرىيەت بايرىمى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى

تۈركىيەدە جۇمھۇرىيەت بايرىمى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى

بۈگۈن 1923-يىلى 29-ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 96 يېشىغا قەدەم قويدى.
جۇمھۇرىيەت بايرىمى ھەر يىلقىغا ئوخشاشلا بۇ يىلمۇ پۈتكۈل تۈركىيەدە ۋە چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانىلاردا قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە تەبرىكلەنمەكتە.
تۈركىيەنىڭ مەرسىن، كارابۈك، ئەسكىشەھەر، رىزەنىڭ چايەلى ناھىيەسى، ئايدىننىڭ سۆكە ناھىيەسى قاتارلىق جايلار ھەرخىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە سەھنە بولدى، تۈرك بايراقلىرىغا پۈركەنگەن شەھەرلەردە خەلق تەنتەنە ئىچىدە جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، تۈركمەنىستان پرېزېدىنتى قاتارلىق ۋە باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 96 يىللىقىنى ئارقا-ئارقىدىن تەبرىكلەشتى.

بۇ خەۋەر 721 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2019 16:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق