گامبىيەدە تۇتۇپ قېلىنغان ئۈچ ئۇيغۇر خەۋپتىن قۇتۇلدى

گامبىيەدە تۇتۇپ قېلىنغان ئۈچ ئۇيغۇر خەۋپتىن قۇتۇلدى

28-ئۆكتەبىر ياۋروپاغا يولغا چىقىپ گامبىيە ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغان ئۈچ ئۇيغۇر خەتەردىن قۇتۇلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار 28-ئۆكتەبىر گامبىيەدىن ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىقماقچى بولغاندا ئايرودروم ساقچىلىرى ئۇلارنى: «سىلەر خىتايغا ئوخشىمايدىكەنسىلەر، نېمە ئۈچۈن سىلەردە خىتاي پاسپورتى بار؟» دەپ گۇمان قىلىپ تۇتۇپ قالغان. ئۇلار: «بىز خىتاي ئەمەس، تۈرك» دەپ تۇرۇۋېلىپ، تۈركىيەدىن بېرىلگەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئىقامىتىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇلارنى تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا ئاپارغان. تۈركىيە ئەلچىخانا خادىملىرى ئۇلارنىڭ تۈركىيەدە قانۇنلۇق ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە قولىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامىتىنىڭ ئىناۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق گامبىيە ساقچىلار يەنە: «ئۇلاردا نېمە ئۈچۈن خىتاي پاسپورتى بار؟ بىز بۇنى ئېنىقلايمىز» دەپ، خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئېلىپ بارغان.
بۇ ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىگە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى پاترىك، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى باشلىقى سوفى رىچھاردسون خانىم، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىقى نۇرى تۈركەل قاتارلىق شەخسلەر خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى نامىدىن ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە گامبىيە تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا باشلىغان. تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان تۇتۇپ قىلىنغانلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئائىلىسىدىن تېلېفۇن كەلگەن ھامان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە باشقا ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن.
بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن، گامىبىيە ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئېلىپ كىرمىگەنلىكى، ساقچىلارنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىنى خىتاي ئەلچىخانىسىدا تەكشۈرۈپ چىققانلىقى، ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ گامبىيە خەلقئارالىق ئايرودرومى ساقچىخانىسىغا قايتۇرۇلغانلىقى، ئۇلار قەيەرگە يولغا سالىدىغانلىقى ھەققىدە قارار كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1039 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2019 16:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق