خىتاي ئافرىقا ئەللىرىگە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەكتۇپ يوللىدى

خىتاي ئافرىقا ئەللىرىگە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەكتۇپ يوللىدى
13-ئۆكتەبىر كۈندىلىك خەلق تورى (Daily Nation) بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئافرىقا ئەللىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن «شىنجاڭدىكى قۇرۇلۇشلار» تېمىسىدا مەخسۇس ھۆججەت يوللىغان.
ھۆججەت مىسىر، ئېكۋاتور گىۋىنىيەسى، ئېرتىرىيە، موزامبېك، نىگېرىيە، سومالى، جەنۇبىي سۇدان، سۇدان، زامبىيە، زىمبابۋې قاتارلىق ئافرىقا قىتئەسىگە تەۋە دۆلەتلەرگە ئەۋەتلىگەن.
مەكتۇپتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇنلىغان ئەھمىيەتلىك قۇرۇلۇشلارنى قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندا خەلقىنى بېيىتىش ئۈچۈن زور مەبلەغلەرنى سالغان بولسىمۇ، بىراق بىر قىسىم ئەسەبىي ئىدىيەدىكى تېررورچىلارنىڭ رايوننى قالايمىغان قىلىپ، نۇرغۇن ۋەقەلەرنى پەيدا قىلغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئاشقۇن، ئەسەبىي ئىدىيەدىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەشكە باشلىغانلىقى، غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى قۇرۇشتىكى نىشانىنى بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي يالغان توقۇلمىلار بىلەن ئافرىقا ئەللىرىنى ئالداشقا ئۇرۇنغان.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئافرىقا ئەللىرىگە مەكتۇپ يوللاشىتىكى مەقسىتى بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ 28 ئورگىنى ۋە ئەمەلدارلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك جازالاشنى قارار قىلغانلىقىغا قارشى ئافرىقا ئەللىرىنىڭ خىتاي تەرەپتە تۇرۇشىنى، شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەن.

بۇ خەۋەر 961 قېتىم كۆرۈلدى
16/10/2019 14:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق