ھۆرىيە تىككۈچىلىك كۇرسى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ۋە پىسخىكا لېكسىيەسىگە تەكلىپ

ھۆرىيە تىككۈچىلىك كۇرسى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ۋە پىسخىكا لېكسىيەسىگە تەكلىپ
ئسىتانبۇلدا 2018-يىل ئوقۇش باشلىغان ۋە كەڭ خانىم قىزلارنى تىز سۈرئەتتە تىككۈچىلىكتە يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان ھۆرىيە تىككۈچىلىك كۇرسى قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە 4 قارار ئوقۇغۇچى تەربىيلەپ چىقتى.
ئۇندىن باشقا بۇ كۇرستا پەقەت ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىلا ئەمەس بەلكى يەرلىك خانىملارمۇ تەربىيلىنىپ چىقتى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئوقۇش پۈتتۈرگەن خانىم - قىزلار ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىدىن چىققاندىن سىرت بەزىلىرى تىككۈچىلىك كارخانىلىرىدا ئىشقا چۈشكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھۆرىيە تىككۈچىلىك تىز يېتىشتۈرۈش كۇرسى 4 - قارارلىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ كەڭ خانىم-قىزلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ئوقۇغۇچى خانىم-قىزلار ئۆزلىرى كېسىپ، ئۆزلىرى تىككەن ھەرخىل پاسوندىكى كىيىملىرىنى كۆپچىلىككە كۆرسىتىدۇ.
شۇنداقلا خانىم - قىزلارنىڭ تەلىپى بىلەن ھۆرىيە تىككۈچىلىك مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى
ئۈچىنجى دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ھۆرىيە خانىم مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىغا:
"ھۆرمەتلىنىش ئېھتىياجى ۋە ساغلام پىسخىكا كەيپىيات" توغرىسىدا لىكسىيە سۆزلەيدۇ.
ۋاقتى 2019 - يىل10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 02:40 دا
ئورنى: سەفاكۆي كامال پاشا مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقپىدە

بۇ خەۋەر 1183 قېتىم كۆرۈلدى
13/10/2019 10:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق