ئالما شىركىتىنىڭ خىتايغا باش ئېگىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

ئالما شىركىتىنىڭ خىتايغا باش ئېگىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالما شىركىتى خىتاينىڭ بېسىمى ئارقىسىدا 10-ئۆتكەبىر «خوڭكوڭ پەيتلىك خەرىتىسى» دېگەن ئەپنى يانفون ئەپ بازىرىدىن ئۆچۈرۈۋەتكەن.
مەزكۇر ئەپ خوڭكوڭدىكى قايسى كوچىلاردا ساقچىلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئالما شىركىتىنى خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارغا ماسلىشىپ بەردى، دەپ ئەيىبلىگەن.
ئالما شىركىتى خىتاينىڭ بېسىمى ئارقىسىدا مەزكۇر ئەپنى ئۆچۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، خوڭكوڭدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى زاتلار ئالما شىركىتىنىڭ خىتايغا باش ئەگكەنلىكىنى، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنى قولغا كەلتۈرۈش ھوقۇقىنى قوغدىمىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
بۇ ئالما شىركىتىنىڭ خىتايغا تۇنجى قېتىم باش ئېگىشى ئەمەس بولۇپ، 2017-يىلىمۇ خىتاينىڭ بېسىمى ئارقىسىدا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نى ئەپ بازىرىدىن ئۆچۈرۈۋەتكەن.
يېقىنقى بىر-ئىككى ھەپتە ئىچىدە دۇنيا جامائەتچىلىكى خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنياغا سوزۇلغان قارا قولىنىڭ تەسىر كۈچىنى ھېس قىلغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان مەلۇم سىندا كۆرسىتىلىشىچە، NBAنىڭ مەلۇم مۇسابىقىسىدە ئۈچ ئامېرىكىلىق خوڭكوڭ خەلقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان مەزمۇندىكى خەت بېسىلغان كىيىمنى كىيىپ، تاختىلارنى كۆتۈرۈپ، خىتايغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقاندا، باشقۇرغۇچى خادىملار كېلىپ ئۇلارنى مەيداندىن چىقىرىۋەتكەن.

بۇ خەۋەر 697 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2019 17:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق