ھىندىستانلىق ئوقۇغۇچىلار شى جىنپىڭنى نىقاپ بىلەن قارشى ئالدى

ھىندىستانلىق ئوقۇغۇچىلار شى جىنپىڭنى نىقاپ بىلەن قارشى ئالدى

ھىندىستان ۋاقتى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 11-، 12-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ھىندىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ھىندىستان باش مىنىسىتىرى مودى بىلەن چىناي شەھىرىدە غەيرىي رەسمىي ئۇچرىشىشتا بولغان.
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن نەچچە كۈن بۇرۇن پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، شى جىنپىڭ ۋە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۇچرىشىشتا بولغان، شۇنداقلا كەشمىر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت خىتاي باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ كەشمىر مەسىلىسى ھەققىدە ھىندىستان تەرەپنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا كەشمىر مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىش-قىلىنماسلىقىغا دىققەت قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ھىندىستان كەشمىر نوپۇسىنىڭ %45نى، پاكىستان %35نى، خىتاي بولسا %20نى كونترول قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي كەشمىر مەسىلىسىدە ئىزچىل ھىندىستاننى ئەيىبلەب كەلگەن.
بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا 2000 ھىندىستانلىق ئوقۇغۇچى شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتى بېسىلغان نىقاپنى تاقاپ، ئۇنى قارشى ئېلىش پائالىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ خىل غەلىتە قارشى ئېلىش ئۇسۇلى تاراتقۇلاردا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ خوڭكوڭدىكى نىقاپ چەكلەش قانۇنىغا ئىشارەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 568 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2019 17:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق