ئىستانبۇل ۋالىيسى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلدى

ئىستانبۇل ۋالىيسى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلدى

دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت فېدېراتسىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومى مەيدانىدا باشلانغان 4-قېتىملىق دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىگە كەلگەن نۇرغۇنلىغان چەتئەللىك زىيارەتچىلەر شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كۆرگەزمە ئورنىنى زىيارەت قىلدى.
كۆرگەزمىدە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى مەخسۇس ئورۇن تۇتۇپ، چېدىرلاردا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىيىم–كېچەك مەدەنىيىتى، ئۆي-بىسات مەدەنىيىتى، كەشتىچىلىك ۋە نەققاشلىق مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ چوڭ-كىچىك ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراقلىرى تىزىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان ژۇرنال ۋە تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىلدى.
پائالىيەتنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئىستانبۇل ۋالىيسى ئەلى يەرلىكايا، زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت مەسئۇلى مەھمەت ماكاس، ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى رەئسى ئسىمايىل جەنگىز قاتارلىقلار شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كۆرگەزمە ئورنىنى زىيارەت قىلدى. مېھمانلارنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان كۈتۈۋېلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى ھەمدە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى يەتكۈزدى.
بۇ پائالىيەتكە تۈرك دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 900 دىن كۆپ ماھىر قاتناشقان بولۇپ، چېلىشىش، ئات چاپتۇرۇش، ئوقيا ئېتىش قاتارلىق 60 خىلغا يېقىن تەنتەربىيە تۈرلىرى بويىچە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى. شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىنىڭ تاماق، كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىن باشقا ھەرخىل مىللىي ئويۇنلار ئوينالدى.

بۇ خەۋەر 1581 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2019 17:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق