بىلال ئەردوغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلدى

بىلال ئەردوغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلدى
4-ئۆكتەبىر تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى بىلال ئەردوغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلدى.
دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت فېدېراتسىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومى مەيدانىدا باشلانغان 4-قېتىملىق دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىگە كەلگەن نۇرغۇنلىغان چەتئەللىك زىيارەتچىلەر شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كۆرگەزمە ئورنىنى زىيارەت قىلدى.
كۆرگەزمىدە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى مەخسۇس ئورۇن تۇتۇپ، چېدىرلاردا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىيىم–كېچەك مەدەنىيىتى، ئۆي-بىسات مەدەنىيىتى، كەشتىچىلىك ۋە نەققاشلىق مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ چوڭ-كىچىك ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراقلىرى تىزىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان ژۇرنال ۋە تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىلدى.
پائالىيەت جەريانىدا بىلال ئەردوغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كۆرگەزمە ئورنىنى زىيارەت قىلدى. بىلال ئەردوغاننى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر كۈتۈۋېلىپ، ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلدى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى يەتكۈزدى.
بۇ پائالىيەتكە تۈرك دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 900 دىن كۆپ ماھىر قاتناشقان بولۇپ، چېلىشىش، ئات چاپتۇرۇش، ئوقيا ئېتىش قاتارلىق 60 خىلغا يېقىن تەنتەربىيە تۈرلىرى بويىچە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىنىڭ تاماق، كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىن باشقا، ھەرخىل مىللىي ئويۇنلىرى ئوينىلىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئورنىنى نۇرغۇنلىغان مەشھۇر شەخسلەر، دۆلەت ئەربابلىرى زىيارەت قىلماقتا. بۇ پائالىيەت 6-ئۆكتەبىر (يەكشەنبە) كەچكىچە داۋام قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بارلىق خەلقىمىزنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.

 

بۇ خەۋەر 1689 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2019 16:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق