تىرامىپ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى

تىرامىپ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى

1-ئۆكتەبىر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ تېۋىتتېر ھېسابىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىشى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن.
تىرامپنىڭ خىتاي بايرىمىنى تەبرىكلەش قىلمىشىنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىدىن ئۈچ كىشى ئەيىبلەپ، بايانات ئېلان قىلغان.
باياناتتا خىتاي قۇرۇلغاندىن بۇيان تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، بۈگۈن خىتاينى تەبرىكلەش كۈنى بولماستىن، بەلكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنى ئەسلەيدىغان بىر كۈن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.
ھازىرغىچە شى جىنپىڭغا ئالاھىدە سۆز قىلىپ، خىتاي دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىگەن دۆلەتلەر ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە، تاجىكىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئىكەن.

بۇ خەۋەر 727 قېتىم كۆرۈلدى
02/10/2019 17:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق