ئىستانبۇلدا خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
-1ئۆكتەبىر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىشنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىدى. نامايىشقا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تۈرك خەلقىدىن بولۇپ، ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. نامايىشنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم تۈرك تەشكىلاتلىرى قوللاپ، بىرلىكتە نامايىش قىلدى.


قوللىرىدا «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان 70 يىللىق مۇستەملىكىچىلىكى توختىتىلسۇن»، «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك» دېگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار «خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن»، «جازا لاگېرلىرى تاقالسۇن» قاتارلىق شوئارلارنى توۋلىغان خەلق ترابىيە دېڭىز بويىدىن خىتاي ئەلچىخانىسى تەرەپكە قاراپ سەلدەك ئاقتى.
ئەلچىخانىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامىدا خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ: «70 يىل بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى باشلانغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بېرى بىر كۈنمۇ توختاپ قالغىنى يوق. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىندىن بېرى ئۈچ مىليوندىن ئالتە مىليونغىچە بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى يوقىتىشقا تىرىشماقتا. شۇ سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەت، شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلىرى توختىتىلمىسا، دۇنياغا ئاپەت بولىدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغاننى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى توختىتىشى ھەققىدە سۆزلىشىشكە چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى رەنچى ئۆزمەن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، ئۆلىمالار بىرلىكى ۋەكىلى ئۇستاز مەھمۇدجان داموللام، ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنى، دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ ئاقيول، تۈركىستان جەمئىيىتى رەئىسى بۇرھان كاۋۇنچۇ، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، ژۇرنالىست شەبنەم خانىم ۋە ئەزەربەيجان ۋەكىلى قاتارلىق جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى ئۆز تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئىخچام بايان قىلىپ، خىتاينى ئەيىبلىدى. ئۇلار خەلقئارا جەمئيەتنى خىتايغا ئوخشىمىغان تەرىقىدە ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى. نامايىش ئاخىردا يەنە، خىتاي بايرىقى كۆيدۈرۈلدى.

 

ئۇندىن باشقا تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرە، تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ شەھىرى، بىلگىيە پايتەختى بىريۇسسېل، ئاۋىستىرالىيەنىڭ بىر قانچە شەھىرى، خوڭكوڭ، نۇرۋىگىيە، كانادا، ياپونيە، گوللاندىيە، ئامېرىكا، شىۋىتسىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ئوخشاش مەزگىلدە خىتايغا

 

قارىشى نامايىش قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىنى توختىشقا چاقىردى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىر كۈن ئىچىدە بىردەك خىتايغا قارشى تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى بىرلىشەلەيدىغانلىقىنى ھەمدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى باش ئەگمەس روھىنى نامايەن قىلدى.

 

 

 

بۇ خەۋەر 2599 قېتىم كۆرۈلدى
01/10/2019 19:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق