سۇتۇق بۇغراخان ۋەخپى ئۈچ شەھەردە شۆبە قۇردى

سۇتۇق بۇغراخان ۋەخپى ئۈچ شەھەردە شۆبە قۇردى.

19 - سىنتەبىردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەر قايسى شەھەرلەرگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زىيارەتتە بىرگە بولغان سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى مەسئۇللىرى زىيارەت داۋامىدا ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىددى تەلىپى بىلەن ئايرىم ئايرىم ئۈچ شەھەردە شۆبە قۇردى.

شۇنداق قىلىپ ۋەقىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغان كونيا، قەھرىمان ماراش ۋە كاستامونۇ قاتارلىق ئۈچ شەھەردە شۆبە قۇرغان بولدى.

ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامزات كۆرسىتىشى ۋە مەخپى ئاۋاز بېرىشى بىلەن ۋەخپە شۆبىلىرىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى.

بۇ خەۋەر 1308 قېتىم كۆرۈلدى
26/09/2019 15:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق