ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جازا لاگېرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلدى


20-مارت ftchinese تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھىندونېزىيە پىرېزدېنتى جوكو ۋىدودو (Joko Widodo ) شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە پىكىر بايان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
خەۋەردە ھىندىنوزىيەنىڭ مۇسۇلمانلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، پىرىزىدېنت جوكو ۋىدودونىڭ كەلگۈسى سايلاملاردا ئۆزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىچىسى قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇتۇشنى ئويلىشىدىغانلىقى، بىراق يېقىندا «ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار ۋە جازا لاگېرى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ: « مەن ئۇ يەردىكى ئىشلارنى چۈشەنمەيمەن، بۇ ھەقتە مېنىڭ ھېچقانداق ئويلىغانلىرىم يوق، شۇڭا مەن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىشنى خالىمايمەن» دېگەنلىكى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بۇرۇن بېرما مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە قاتتىق سۆزلەرنى قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ لاگېر مەسىلىسىدە نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى قوللاشقا كۆندۈرۈش ئۈچۈن ئىزچىل ھەرىكەت قىلۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 4406 قېتىم كۆرۈلدى
20/03/2019 17:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق