خەلق تورى: خوڭكوڭنىڭ ئاساسىي مائارىپىنى تەكشۈرىدىغان ۋاقىت كەلدى

خەلق تورى: خوڭكوڭنىڭ ئاساسىي مائارىپىنى تەكشۈرىدىغان ۋاقىت كەلدى

تۈنۈگۈن خىتاي خەلق تورىدا «خوڭكوڭنىڭ ئاساسىي مائارىپىنى تەكشۈرىدىغان ۋاقىت كەلدى» دېگەن ماۋزۇدا ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خوڭكوڭدىكى خىتايغا بولغان قارشىلىقلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە مائارىپنى كونترول قىلمىغانلىقتىن بولغانلىقى تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر ماقالىدە خوڭكوڭدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان نامايىشلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئاساسىي مائارىپ دەرسلىكلىرىنى چىڭ تۇتمىغانلىق ئىكەنلىكى، دەرسلىكلەردە خىتاينى سۆكىدىغان، ئەيىبلەيدىغان مەزمۇنلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى، زىيادە ئەركىن قويۇۋېتىلگەنلىكتىن، تۈرلۈك ئىدىيەلەرنىڭ خوڭكوڭ ياشلىرىغا سىڭىپ كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدە يەنە بىر قىسىم مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك ئۆكتىچى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا كۈشكۈرتكەنلىكى، يول قويغانلىقى، شۇنداقلا دەرسلەردە خىتاينىڭ تارىخى ۋە رېئال ۋەزىيىتى ياخشى ئۆگىتىلمىگەنلىكى، شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەربنىڭ قىممەت قارىشىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خوڭكوڭ خەلقى كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداپ قېلىش ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاي بۇنى ھەرقېتىم «چەتئەل كۈچلىرىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن بولغان» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىممۇ خوڭكوڭدىكى ياشلارنىڭ كۆڭ كۆلەملىك نامايىشىنى مائارىپنى ياخشى تۇتمىغانلىققا باغلىماقچى بولغان، شۇنداقلا خوڭكوڭنىڭ مائارىپ سىستېمىسىغا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قول تىقىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

بۇ خەۋەر 786 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2019 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق