ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى جەمئىيەت مەركىزىدە...

ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى جەمئىيەت مەركىزىدە...

 

13-سېنتەبىر ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى مەسلىھەت يىغىلىشى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەركىزى ئىشخانىسىدا ئېچىلدى.

مەسلىھەت يىغىنىغا ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ  ۋەكىللىرى ئىشتراك قىلدى.

مەسلىھەت يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدا قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلارنى ئىسلام ئەللىرىنىڭ كۆرمەس بولۇۋالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە بۇ خىل ۋەزىيەتتە قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ھەققىدە تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىندى.

بۇ خەۋەر 1038 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2019 15:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق