گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خۇاڭ جىفېڭ بىلەن كۆرۈشتى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خۇاڭ جىفېڭ بىلەن كۆرۈشتى
خوڭكوڭ خەلق ئىرادىسى تەشكىلاتى باش كاتىپى خۇاڭ جىفېڭ تۈنۈگۈن گېرمانىيەگە يېتىپ بېرىپ، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس(Heiko Maas)بىلەن كۆرۈشكەن ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ خەلقىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە خىتايغا ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.
خۇاڭ جىفېڭ گېرمانيە ئايرودرومىدا مۇخبىرلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «خوڭكوڭ خەلقى خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «جىنايەتچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن لايىھەسى»نى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىغا رازى بولۇپ ئولتۇرمايدۇ. خوڭكوڭ خەلقى دېموكراتىيە ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىدۇ. خوڭكوڭ خەلقى شى دىكتاتورلۇقىغا، شى جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇشتا ئالدىنقى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. دۇنيا خەلقى خوڭكوڭ خەلقىنى قوللىشى، دۇنيا خەلقى خوڭكوڭ خەلقى بىلەن بىرلىكتە شى جاھانگىرلىكىگە قارشى ئاتلىنىشى كېرەك».
خۇاڭ جىفېڭ يەنە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان سودا سۆھبىتىنى كېچىكتۈرۈپ، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيە مەسىلىسىنى سودا سۆھبىتى مەزمۇنىغا قوشۇپ مۇزاكىرە قىلىش، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى ۋە ساقچىلىرىغا قورال ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىش، گېرمانىيەگە بارغان خوڭكوڭ خەلقىگە ياردەم قىلىش قاتارلىق تەشەببۇس ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ خەۋەر 855 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2019 13:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق