ئىستانبۇلدا ئانا تىل يەسلىلىرى بىردەك ئوقۇش باشلىدى

 

ئىستانبۇلدا ئانا تىل يەسلىلىرى بىردەك ئوقۇش باشلىدى

9-سېنتەبىر شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زەيتنبۇرنۇ شۆبىسى «قۇرئان كەرىم ۋە ئانا تىل يەسلىسى» ئوقۇش باشلىدى.

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ سەفاكۆيدىكى قىزلار ۋە ئوغۇللار قۇرئان كەرىم ۋە ئانا تىل يەسلىسى تۈركىيەدىكى بارلىق مەكتەپلەر دەرس باشلىغان كۈنىگە

ئۇدۇللاپ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنى باشلىدى.

ئۇندىن باشقا ھىرا ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپىمۇ ئوقۇش باشلىدى.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋەتىنىمىزدە مائارىپىمىزنى چەكلەپ خەلقىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە تىل-يېزىقىدا ئۆتۈلىدىغان ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەرنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرغان  بۈگۈنكىدەك پەيتتە كەلگۈسى داۋانىڭ ۋارىسلىرى بولغان پەرزەنتلەرگە ئانا تىل تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇش ھەممەيلەننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان تەخىرسىز مەجبۇرىيىتىمىز.

بۇ مەكتەپلەردە بىردەك ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقلىق، ئەقىدىلىك بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ساۋادىنى چىقىرىش، پەرزەنتلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى توغرا ئەقىدە بىلەن بېزەشنى چىڭ تۇتۇش ئاساسىدا، ئەخلاق، ئېلىپبە، تىل - ئەدەبىيات، ئۇنىۋېرسال بىلىملەر، تۈرك تىلى، ماتېماتىكا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىش قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلىدۇ. شۇنداقلا پەرزەنتلەرنى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بالىلارغا خاس بولغان تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى ئوقۇش باشلاش مەۋسۇمى يېتىپ كېلىشى بىلەن ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيتى قارمىقىدىكى تەلىم-تەربىيە گۇرۇپپىسىمۇ ئوقۇش باشلىدى.

جەمئىيەت گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىرلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش مەقسىتىدە، شۇنداقلا مىللەتنىڭ كەلگۈسى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئىز باسارى بولغان پەرزەنتلەرنىڭ ئانا تىل، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتى ۋە قۇرئان كەرىم ئۆگىنىشى، يات مىللەتلەر ئارىسىدا چۈشكۈنلىشىۋاتقان پەرزەنتلەرنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇپ، دوستلىشىپ، مىللىي روھ يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن بىر قاتار پىروگراممىلارنى تۈزۈپ دەرس باشلىغان.

 

بۇ خەۋەر 1485 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2019 14:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق