ئىلھام توختى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى

ئىلھام توختى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 2014-يىلىدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختى «خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن.
26-ئاۋغۇست ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان ياۋروپا كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىللىق «خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نامزاتلىقىغا ئىلھام توختىنى كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ 20 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە چۈشىنىشكە ھەسسە قوشۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
«خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» 2013-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ، مۇكاپات سوممىسى 60 مىڭ ياۋرو بولۇپ، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەرگە بېرىلىدۇ.
ئىلھام توختىدىن باشقا يەنە ئىككى كىشى نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مۇكاپات نەتىجىسى 30-سېنتەبىر ئېلان قىلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 791 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2019 10:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق