نۇزۇگۇم جەمئىيىتى كېپىل بولغان بالىلارنى ساياھەتكە تەشكىللىدى

نۇزۇگۇم جەمئىيىتى كېپىل بولغان بالىلارنى ساياھەتكە تەشكىللىدى

22-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ئۆزى كېپىل بولغان يېتىم بالىلارنى زەيتىنبۇرنۇ دېڭىز ساھىلىدا پائالىيەتكە تەشكىللىدى.
پائالىيەتكە نۇزۇگۇمنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرى، مەسئۇللىرى، ئىستانبۇلنىڭ باشاق شەھەر، زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي، سېلىمپاشا قاتارلىق رايونلىرىدىكى نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىۋاتقان بالىلار ۋە ئانىلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
پائالىيەتتە بالىلار ھەر خىل تاماق ۋە تاتلىق-تۇرۇملار بىلەن مېھمان قىلىندى. ئۇلارغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى چۈشەندۈرۈلدى. ئانىلارغا بولسا بالىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش ھەققىدە تەكلىپلەر بېرىلدى.

بۇ خەۋەر 1252 قېتىم كۆرۈلدى
24/08/2019 15:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق