قاتار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينى قوللاشتىن ۋاز كەچتى

قاتار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينى قوللاشتىن ۋاز كەچتى

مسىر ئەلئەرەبىيە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى ئايدا 37 دۆلەت قاتارىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللاپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا مەكتۇپ يوللىغان قاتار خىتاينى قوللاش مەيدانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قاتار ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئايدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينى قوللاپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا يوللىغان ئىمزالىق مەكتۇپىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى كومىتېت رەئىسىگە يەتكۈزگەنلىكىنى، قاتارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە بىتەرەپ تۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
12-ئىيۇل خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەن 37 دۆلەت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينى قوللاپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللىغان. بۇ دۆلەتلەر ئىچىدە نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئورۇن ئېلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بۇ دۆلەتلەر ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان، قاتار، نىگېرىيە، ئالجىرىيە قاتارلىق مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭمۇ بولغانلىقى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچلىقنى كۆرمەسكە سالغانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
37 دۆلەتنىڭ خىتاينى قوللاپ ئىمزا قويغانلىقىنى كۆرگەن خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە يېڭىباشتىن ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 995 قېتىم كۆرۈلدى
21/08/2019 16:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق