ئامېرىكا خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

ئامېرىكا خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

18- ئاۋغۇست ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بىر يادرو ئېنېرگىيە شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن.

خەۋەردە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ «جۇڭگو ئاممىباب يادرو ئېنېرگىيە گۇرۇھى» ۋە ئۇنىڭ 3 تارماق شىركىتىنى ئامېرىكانىڭ ھەربىر ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان يادرو تېخنىكىسىنى ئوغرىلاش سەۋەبلىك «قارا تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەنلىكى، بۇ قارار ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەزكۇر خىتاي شىركىتىنى لاۋازىمات بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈنۈملۈك دەرىجىدە چەكلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى «جۇڭگو يادرو ئېنېرگىيە گۇرۇھى» نى قارا تىزىملىككە ئېلىشنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى 2018‏-يىلى 10‏-ئايدا خىتايغا يادرو تېخنىكىسى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەپ، خىتاينىڭ «ئامېرىكا ئاممىۋى يادرو تېخنىكىسىنى ئۆزىنىڭ قانۇنسىز ھەربىي ئىشلىرىغا ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نى قارار قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئامېرىكا بىلەن خىتاي سودا ئۇرۇشى تەدرىجىي بىخەتەرلىك ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىگە كېڭىيشكە باشلىغان. خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قارا تىزىملىككە ئېلىنىشى ئەنگلىيەنىڭ بۇ شىركەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە كۈچلۈك بېسىم پەيدا قىلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 722 قېتىم كۆرۈلدى
19/08/2019 16:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق