پاكىستان ھىندىستان بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنى توڭلاتتى

پاكىستان ھىندىستان بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنى توڭلاتتى
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ تۈنۈگۈن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان سودا ۋە توقۇلما بۇيۇملىرى مىنىستىرلىكى پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىستان بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنى توڭلىتىپ قويغان.
باياناتتا ھىندىستاننىڭ «ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش چەكلىنىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، پاكىستان فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنى توڭلاتقانلىقى ۋە بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان مەزكۇر چەكلىمىنى پاكىستان بىلەن دىپلوماتىك ۋە سودا مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىسرائىلىيەگىلا ئىجرا قىلىپ كەلگەن. ھىندىستان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان جاممۇ كەشمىرگە ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقى بېرىدىغان ئاساسىي قانۇننىڭ 370-ماددىسىنى دۈشەنبە كۈنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، رايوننىڭ ئالاھىدە قۇرۇلمىسىنى بىكار قىلغان. شۇ سەۋەبلىك پاكىستان ھۆكۈمىتى ھىندىستاننىڭ بۇ قارارىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ھىندىستان بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى چۈشۈرۈشنى قارار قىلغان ھەمدە ھىندىستاندىن ئىسلامئابادتىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 10967 قېتىم كۆرۈلدى
12/08/2019 19:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق