ئىستانبۇلدا يازلىق تەتىللىك ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا يازلىق تەتىللىك ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

8-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسى قۇرئان كەرىم ۋە ئانا تىل كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىللىك ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى زەيتىنبۇرنۇ ئاق دېڭىز زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ئوقۇشى بىلەن باشلاندى. قۇرئان كەرىم ۋە ئانا تىل كۇرسى مۇدىرى خۇرشىدە خانىم سۆز قىلىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىۋاتقان خەلققە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدىكى رەھبەرلەرگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، بۇ يىللىق يازلىق تەتىلدە 200 ئوقۇغۇچىنىڭ ئانا تىل ۋە قۇرئان كەرىم دەرسىدە تەربىيەلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.


مۇراسىمدا قۇرئان ساۋاتى چىققان ئوقۇغۇچىلار قۇرئان تىلاۋەت قىلدى. ئانا تىل تەربىيەسى ئالغان ئوقۇغۇچىلار ۋەتەنپەرۋەرلىك مەزمۇنىدىكى ئۇيغۇرچە شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلدى.


مۇراسىمدا جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مائارىپنى چەكلىگەنلىكىگە قارشى مائارىپ كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.


مۇراسىمدا يەنە ئانا تىل ۋە قۇرئان كۇرسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن قىسقا فىلىم كۆرسىتىلدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، مائارىپ جەمئىيىتى ئىجتىمائىي ياردەم بۆلۈمى مەسئۇلى ئابدۇكېرىم كۇچار، مائارىپ جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى، ژۇرنالىست مۇساجان ئەر، سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى مەسئۇلى ئۆمەر قارىھاجىم، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تاشقى ئىشلار مەسئۇلى مەھمۇدجان داموللام قاتارلىق رەھبەر ۋە ئۇستازلار قۇرئان كەرىمنى خەتمە قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا شاھادەتنامە، مېدال ۋە مۇكاپات بۇيۇملىرى تارقىتىپ بەردى.

مۇراسىم ئۆسمۈرلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بەختى ئۈچۈن، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇپ ئازادلىققا چىقىشى ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن قىلغان دۇئالىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.

 

بۇ خەۋەر 1586 قېتىم كۆرۈلدى
09/08/2019 15:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق