تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار مائارىپ جەمئىيتىنى قوللىدى

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار مائارىپ جەمئىيتىنى  قوللىدى

تۈنۈگۈن قاراقاش مەشرەپ گۇرۇپپىسىدىكى ئىلىم ئەھلى ۋە گۇرۇپپا يېتەكچىلىرىدىن  تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.

مېھمانلارنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.

ھەيئەت مەسئۇللىرى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا يالغۇز ئەمەسلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدا قانداق ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەردائىم يېندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسنى قوللىغانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن يەنە، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ قارىماي شەھىرى، كۇچار، كورلا قاتارلىق رايونلىرىنىڭ ئىلىم ئەھلى ۋە يىتەكچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەتلەر ئايرىم- ئايرىم ھالدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىدى.

ھەيئەتلەر شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئۆغۇزخان بىلەن شەرقىي تۈركىستان داۋا مەسىلىسى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا ھەر ۋاقىت يېنىدا بولىدىغانلىقىنى، مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ يالغۇز ئەسلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

 

بۇ خەۋەر 1373 قېتىم كۆرۈلدى
08/08/2019 15:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق