ئىستانبۇلدا ئائىلە زوراۋانلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

ئىستانبۇلدا ئائىلە زوراۋانلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
1-ئاۋغۇست رەفاھ پارتىيەسى تەشىللىگەن ئائىلە زوراۋانلىقى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئستانبۇلدىكى گولدىن تۇلىپ مېھمانخانىسدا ئېچىلدى.
يىغىنغا نۇزۇگۇم كۈلتۈر ئائىلە جەمئىيىتىدىن مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، ئەلانۇر خانىم ۋە شەمشىنۇر خانىملار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. يىغىن رەفاھ پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئاياللار رەئىسىنىڭ ئېچىلىش سۆزى بىلەن باشلاندى. يىغىنغا شەپەق گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋە باشقا ئاكادېمىكلار، مۇخبىرلار، پىسخولوگلار قاتناشتى.
يىغىندا ھازىر مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئەرلەر ھۆكۈمرانلىقى، ئائىلە زوراۋانلىقى خىتابنامىگە قارشى ھالدا ئائىلىلەرنى پارچىلاش، ھەمجىنىسلىقلارنىڭ نىكاھلىنىشىغا دۆلەت تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىجازەت، ئۇنىڭغا كەلگۈسى ئەۋلادلارغا بولغان يامان تەسىرى، ھازىر بولۇۋاتقان خەتەرلەر، ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەلقنىڭ ۋە ئۈممەتنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئاپەتلەر ھەققىدە مۇنازىرە ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا نۇزۇگۇم كۈلتۈر ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ بارلىق مەزلۇملار ئۈچۈن ئۈمىد ھېسابلىنىدىغان بىر زېمىن ئىكەنلىكىنى، تۈرك خەلقىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلارغا بولغان تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشكە جىددىي ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى، زىيادە ئەركىنلىك ۋە پەرۋاسىزلىق تۈپەيلى كەلگۈسىدىكى ياشلارنىڭ كىشىنى ئەنسىرىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم ئائىلە كۈلتۈر جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق بارلىق خەلقكە ۋاكالىتەن دىنىي مەجبۇرىيەت ھېسابلىنىدىغان بۇ ياخشى خىزمەتلەرنى ھەردائىم قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

بۇ خەۋەر 1456 قېتىم كۆرۈلدى
02/08/2019 16:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق