سېرىكجان بىلاشئوغلىغا ئائىلىسىدە نازارەت قىلىنىش ھۆكۈمى چىقىرىلدى

سېرىكجان بىلاشئوغلىغا ئائىلىسىدە نازارەت قىلىنىش ھۆكۈمى چىقىرىلدى

قازاق خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئەرز قىلىشى بىلەن قازاقىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان سېرىكجان بىلاشئوغلىغا ئاستانىدە سوت ئېچىلىپ، ئائىلىسىدە نازارەت قىلىنىشقا ھۆكۈم چىقىرىلغان.
قازاقىستاندا «ئاتا يۇرت» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان قازاقلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنى باشلاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، قىرغىن قىلىش جىنايىتىنى خەلقئاراغا پاش قىلىشتا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان قازاق پائالىيەتچى سېرىكجان بىلاشئوغلىغا بۈگۈن ئاستانىدە سوت ئېچىلغان.
سېرىكجان بىلاشئوغلىنى قوللاپ سوتقا قاتناشقان قازاق خەلقى سوت كارىدورى بىلەن ھويلىسىنى توشقۇزۇۋەتكەن. سېرىكچان سوتقا چىققاندا خەلق بىردەك «يارايسەن» دەپ توۋلىغان ۋە «سېرىكچان قويۇپ بېرىلسۇن» دەپ شوئار توۋلىغان.
ئىككى سائەتتەك داۋاملاشقان سوت نەتىجىسىدە، سېرىكجان بىلاشئوغلى ئائىلىسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشقا ھۆكۈم چىقىرىلغان. ئاستانە ساقچى دائىرىلىرى سېرىكجان بىلاشئوغلىنى ئالمۇتا ساقچى دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئالمۇتا ساقچى دائىرىلىرى سېرىكجان بىلاشئوغلىنى ئائىلىسدە نازارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق مۇددىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىگەن.
سېرىكجان بىلاشئوغلى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋە قازاقىستاندىكى خىتايپەرەس كىشىلەرنىڭ شىكايىتى سەۋەبلىك قازاقىستان تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن «باشقىلارنى جىھادقا ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە كۈشكۈرتۈش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدى.

مەنبە:https://m.facebook.com/story.php?story_fbid=657319828100583&id=100014677141461&sfnsn=mo

 

بۇ خەۋەر 1191 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2019 14:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق