خۇاۋېي شىركىتى ئامېرىكىدىكى خىزمەتچىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قىسقارتىشنى پىلانلىدى

خۇاۋېي شىركىتى ئامېرىكىدىكى خىزمەتچىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قىسقارتىشنى پىلانلىدى

ۋال كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ 13-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خۇاۋېي شىركىتى ئامېرىكىدىكى خىزمەتچىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قىسقارتىشنى پىلانلىغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق چەكلىشىگە ئۇچرىغان خۇاۋېي شىركىتى ئامېرىكىدىكى تەتقىقات بۆلۈمىگە تەۋە خىزمەتچىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قىسقارتىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ تەتقىقات ئورۇنلىرى تېكساس، كالىفورنىيە ۋە ۋاشىنگتون قاتارلىق ئورۇنلارغا جايلاشقان بولۇپ، 850 خىزمەتچىسى بار ئىكەن.
ھازىرغىچە بىر تۈركۈم خىزمەتچىلەر ئىشتىن بوشىتىلغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ۋال كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خۇاۋېي شىركىتى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشىتىدىكەن. ئەمما خۇاۋېي شىركىتى بۇ ھەقتە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

بۇ خەۋەر 757 قېتىم كۆرۈلدى
15/07/2019 21:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق