ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

5-ئىيۇل ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتاينىڭ 2009-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۈچ مىڭغا يېقىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى قاتناشتى.

نامايىش ئۈچۈن ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن باشلاپلا ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يولغا چىققان ئۈچ مىڭغا يېقىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېقىن جايدا يىغىلدى. دەل سائەت 11 دە قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، «مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان»، «خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت»، «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇمايمىز» دېگەن شوئارلار يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن خەلق «قانغا قان، جانغا جان»، «مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان»  دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا يېتىپ كەلدى.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «خىتاي 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە قىرغىنچىلىق قىلغان بىر كۈن.  بىز بۇ كۈننى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز. خىتاي بۇ كۈندە نەچچە يۈزلىگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلدى، نەچچە مىڭ كىشىنى تۇتقۇن قىلدى. تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىچىدە ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغانلارمۇ بار. خىتاي بۇ قىرغىنچىلىقىنى ھەرگىز توختاتقىنى يوق. خىتاي خەلقىمىزگە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئۈچ مىليوندىن بەش مىليونغىچە بولغان خەلقىمىزنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئىسلام دۇنياسى سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ. يېقىندا پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىدە ‹شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  بەختلىك ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز› دېگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى، خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىق قىلىش ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان ئورۇنلىرىغا بارماستىن، مۇستەقىل ھالدا ئارىلاپ تەكشۈرۈش شەرتىنى قويۇشىنى، تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىنمۇ بىر نەچچە ۋەكىلنىڭ قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

ھۈدا پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى ئەردال ئەلى بۈيۈك ئەپەندى سۆز قىلىپ: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى بىلىمىز. بىز ھەر ۋاقىت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېندا تۇرىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.  

 

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى دەۋەت ئىشلىرى مەسئۇلى ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنى سۆز قىلىپ: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئىسلام ئەللىرىدىن ھېچقانداق ئىنكاس كەلمىگەن بۈگۈنكى كۈندە، بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەيمىز. بىر تامچە قېنىمىز قالغۇچە خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا ئۈستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنىنىڭ يېتەكچىلىكىدە 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغانلارنىڭ شاھادىتىنىڭ قوبۇل بولۇشى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە قىرغىنچىلىقىدىن تېزرەك ئازاد بولۇشى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.

ئاخىردا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئۇستاز ھېبىبۇللا كۈسەنى، ئۇيغۇر ئىلىم  ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى رەئسىى  ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن،  شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلىرى مەسئۇلى مەھمۇدجان داموللام، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىتتىپاقى رەئىسى ئېلى ئەكبەر داموللام  قاتارلىقلار  ئۇستازلار « ئەلجەزىرە » قانىلى مۇخىبرىنىڭ نەخ مەيدا زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،  ئەرەب ئىسلام ئەللىرىگە  ئەرەبچە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۈممەتنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قىرغىن قىلغانلىلىقىنى، بىراق ئەرەب ئسلام ئەللىرىنىڭ  ئاڭلىماس، كۆرمەس بولىۋالغانلىقىنى، ئەرەب ئسلام ئەللىرى خىتاينىڭ مېلىنى سېتىۋالسا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ قېنىنىڭ تۆكۈلىشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەب ئسلام ئەللىرىنى خىتاي مېلىنى بايقۇت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

 

 


 

 

بۇ خەۋەر 1858 قېتىم كۆرۈلدى
05/07/2019 17:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق