شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى تەييارلىق كېڭەش يىغىنى ئېچىلدى

شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى تەييارلىق كېڭەش يىغىنى ئېچىلدى

29-ئىيۇن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ  مەركىزىدە 11-قېتىملىق دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ تەييارلىق كېڭەش يىغىنى ئېچىلدى.
كېڭەش يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى، كەلگۈسى نىشانى، ساقلانغان مەسىلىلەر، مىللىي بىرلىك شۇرا يىغىنىنىڭ پىلان-تەرتىپلىرى، خەلقىمىزنىڭ رېئال ئەھۋالى، دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە پۇرسەتلەر ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلدى.
مۇزاكىرە ئارقىلىق 11-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۈچرىشىشى، 2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى يىغىنىنى 13-ئىيۇلدىن 17-ئىيۇلغىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.
مىللىي بىرلىك شۇرا يىغىلىشىغا ھەرقايسى تەشكىلات يېتەكچىلىرى، تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار، ئۆلىمالار، زىيالىلاردىن بولۇپ 18 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتنىشىدىغان بولدى.
يىغىندا يەنە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىش نامايىشى مۇزاكىرە قىلىندى.

 

بۇ خەۋەر 1961 قېتىم كۆرۈلدى
01/07/2019 13:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق