ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەمەلدارى: خىتاينىڭ سۇيىئىستېمال قىلىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ

دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى ئەھمەد ئەزەم 29-ئىيۇن  فېيىسبۇك سەھىپىسىدە يوللىغان «خىتاينىڭ سىزنى سۇيىئىستېمال قىلىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ» دېگەن ئۇچۇرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئالدىنقى ھەپتە دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان. زىيارەتتىن كېيىن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى ئەھمەد ئەزەمنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تارقاتقان ئۇچۇرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى .
ئەھمەد ئەزەم فېيىسبۇك سەھىپىسىدە ئاۋسترالىيە ئالىملار بىرلىكى ئەزاسى, شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئاۋسترالىيە ۋەكىلى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى چىقىرىپ: «خىتاي سىزنى شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىگە تەكلىپ قىلسا, قەتئىي قوبۇل قىلماڭ. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ رۇخسىتىسىز ھېچقانداق كىشى بىلەن كۆرۈشەلمەيسىز، خىتاي سىزنى سۇيىئىستېمال قىلىدۇ» دېگەن ئۇچۇرلارنى يوللىغان.

بۇ خەۋەر 1289 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2019 23:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق