مازار كەنتىدىكى ئۇيغۇرلار قەيەردە


يېقىندا تەيۋەنلىك مۇخبىر تارقاتقان بىر قىسقا فىلىمدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇيۇق يېزىسى مازار كەنتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار دېگۈدەك تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۆيلەرنىڭ ئادەمسىز قالغانلىقى ئاشكارىلاندى.
مۇخبىر فىلىمدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزا مازار كەنتىنى زىيارەت قىلىپ، كەنتتىكى كۆپىنچە ئۆيلەرنىڭ قۇلۇپلاقلىق ئىكەنلىكىدىن قاتتىق ھەيران قالغان. مۇخبىر كەنتنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، كەنتتە يولۇققان بىر كىشىدىن: «كەنتتىكى ئادەملەر نەگە كەتتى؟ نېمە ئۈچۈن دەرۋازىلار تاقاقلانغان؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ كىشى: «كەنتتىكىلەر شەھەرگە تىجارەت قىلغىلى كەتتى» دەپ جاۋاب بەرگەن. 
كەنتتىكى مەسجىدنىڭ ئىشىكلىرىمۇ كىرىدىغان ئادەم بولمىغانلىقتىن توپا بېسىپ كەتكەن. شۇنداقلا بىر قىسىم ئىشىكلەرنىڭ ئۈستىگە «تۆت بار، تۆت يوق ئائىلە» دېگەن خەت يېزىلغان كارتا بار بولۇپ، نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ قۇلۇپلىرىنى توپا بېسىپ كەتكەن. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى كەنت ئاھالىسىنى تۈرمە ياكى لاگېرلارغا كەڭ كۆلەملىك قاماش سەۋەبىدىن، كەنتتىكى كۆپ سانلىق ئائىلىلەر تاقىلپ قالغان.

بۇ خەۋەر 11841 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2019 17:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق