ئۇيغۇر لوڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى باشلاندى

ئۇيغۇر لوڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى باشلاندى

25-ئىيۇن ئۇيغۇر لوڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئىستانبۇل ئاقساراي پەرتەۋنىيال ئوتتۇرا مەكتىپى تەنتەربىيە زالىدا باشلاندى.
مۇسابىقىنى شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇردى. جەمئىيەت رەئىسى تاھىر كۆك بايراق ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم بىلەن مەدەنىيەت ۋەقفى ئوقۇغۇچىلار مەسئۇلى ئۆمەر قارىھاجىم ئىشتىراك قىلىپ، تەنتەربىيەنىڭ تەن ساغلاملىقتىكى رولىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، دوستلۇقنى ۋە قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش رولى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇسابىقىدە خاقانىيە كوماندىسى 26 گە قارشى 85 نەتىجە بىلەن ئىزباسار كوماندىسىنى يەڭدى. تەكلىماكان كوماندىسى 35 گە قارشى 43 نەتىجە بىلەن كاستامونۇ كوماندىسىنى يەڭدى. كاسانىي كوماندىسى 32 گە قارشى 76 نەتىجە بىلەن كۆك بۆرە كوماندىسىنى يەڭدى.

 

 

بۇ خەۋەر 1506 قېتىم كۆرۈلدى
26/06/2019 17:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق