خىتاي يەنە بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارنى بىر تەرەپ قىلدى

خىتاي يەنە بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارنى بىر تەرەپ قىلدى

خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاتالمىش «ئاپتونۇم رايون»لۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر ئابدۇراھمان ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
ئەنۋەر ئابدۇراھمان 1970-يىلى بۈگۈر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1993-يىلى پارتىيەگە كىرگەندىن باشلاپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلگەن. 2015-يىلىدىن باشلاپ ئاتالمىش «ئاپتونۇم رايون»لۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيالىلارنى، دىنىي زاتلارنى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى كەسىپ ئەھلىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپلا قالماي، يەنە ئۆزلىرىگە سادىق خىزمەت قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىمۇ كۆزدىن يوقىتىپ كەلگەن. ئەنۋەر ئابدۇراھمان نۇر بەكرىدىن كېيىن كۆزدىن يوقىتىلغان يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدار ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: http://news.sina.com.cn/o/2019-06-19/doc-ihytcitk6311174.shtml

بۇ خەۋەر 1596 قېتىم كۆرۈلدى
20/06/2019 13:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق