مايك پومپېيو: خىتاينىڭ سودا قائىدىلىرى ناھايىتى ئادالەتسىز

مايك پومپېيو: خىتاينىڭ سودا قائىدىلىرى ناھايىتى ئادالەتسىز

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ سودا قائىدىلىرىنىڭ ناھايىتى ئادالەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خەلقئارا ئىگىلىك يارىتىش ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېف بىلوك بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىپ سۆز قىلغان مايك پومپېيو ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئادىل بولماي كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «پىرېزىدېنت تىرامپ بۇ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن قەتئىي نىيەتكە كەلدى. خىتاينىڭ تولىمۇ ئادالەتسىز سودا قائىدىلىرى بار. بىز پەقەت باراۋەرلىككە تايانغان ئويۇن مەيدانى بولۇشىنى خالايمىز. گوللاندىيەلىك بىر شىركەت خىتايغا مەبلەغ سالماقچى بولسا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇنىڭدىن شىركەتنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى سورايدۇ. بۇ سودا ئەمەس».
بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ ئېنىق بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن پومپېيو: «ئىتتىپاقداشلىرىمىز، شېرىكلىرىمىز ۋە دوستلىرىمىزغا بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنىشچە، پومپېيو ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئادىل ۋە باراۋەر مۇھىتتا سودا قىلىش مۇھىتىنى بەرپا قىلىش ۋە بازارلارنىڭ ئوچۇق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 768 قېتىم كۆرۈلدى
04/06/2019 18:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق