نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى كەڭ كۆلەملىك دۇئا پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى كەڭ كۆلەملىك دۇئا پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى 31-ماي چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى زەيتىنبۇرنۇ ساھىل جامەسىدە كەڭ كۆلەملىك دۇئا قىلىش ۋە ئۇستازلارنى، ئۈلگىلىك ئانىلارنى، ئاكتىپ خىزمەت قىلغۇچى خانىملارنى، تىرىشچان تالىبەلەرنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
بۇ دۇئا پائالىيىتى شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئون نەچچە يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ھەر يىلى رامىزاننىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەر يىلقى پائالىيەتتە دەرس ۋە باشقا جەھەتلەردە ئىلغار بولۇپ كەلگەن خانىم-قىزلارنى مۇكاپاتلاش، ئىلھام بېرىش پائالىيەتلىرىنى بىرگە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
بۇ يىلقى دۇئا ۋە مۇكاپاتلاش پائالىيىتى تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق بولۇپ، پائالىيەتتە 2006-يىلىدىن باشلاپ ھەرقايسى جايلاردا قۇرۇلۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان يەسلى، قۇرئان كۇرسى ۋە ئاياللار تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە مۇدىر بولۇپ ئىشلەپ، خىزمەت كۆرسىتىۋاتقان 11 ئايال ئۇستاز، شۇنداقلا پەرزەنتلىرى دەرس نەتىجىلىرىدە، پەن-تېخنىكا كۇرسلىرىدا، شاھمات، بوكس مۇسابىقىلىرىدە دۆلەت ياكى رايون بويىچە بىرىنچى بولغان ئانىلاردىن ئون خانىم ئالاھىدە مۇكاپاتلاندى.
مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان بۇ مۇنەۋۋەر ئۆسمۈرلەرنى يۇقىرىقىدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۈرۈشتە ئەجىر سىڭدۈرگەن ئانىلارغا ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.
بۇ پائالىيەتتە يەنە ئۆتكۈر پىكىرلىرى ۋە قەلىمى ئارقىلىق ئېكران ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەردائىم خىتايلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىپ كېلىۋاتقان، نۇزۇگۇمنىڭ ياردەمچى باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى قەمەر ئارتىش خانىمغا بۇ يىللىق «نۇزۇگۇم ئابىدىسى مېدالى» تەقدىم قىلىندى ۋە مۇكاپاتلاندى.
پائالىيەت داۋامىدا يەنە نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ يېتىم ۋە تۇل ئاياللار خىزمىتىدە كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان گۇرۇپپا ئەزالىرىغا گۈل تەقدىم قىلىندى. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ھەر قايسى جايلاردا ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان گۈلباھار جېلىل، رۇقىيە پەرھات قاتارلىق خانىم-قىزلارغا سوۋغات ۋە تەقدىرنامە بېرىلدى.

بۇ خەۋەر 1218 قېتىم كۆرۈلدى
01/06/2019 17:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق