يەكەندىكى جازا لاگېرىنىڭ سانى ۋە كۆلىمى ئاشكارىلاندى

يەكەندىكى جازا لاگېرىنىڭ سانى ۋە كۆلىمى ئاشكارىلاندى

يەكەن ناھىيىسدىكى  5-جازا لاگېرى بىلەن تۈرمىدە ئاز بولغاندا 5000 دىن كۆپ تۇتقۇن بار.

1-سۈرەتتىكىسى يەكەن شەھەر ئىچىنىڭ غەرب تەرىپىگە تۇتاشقان تۇم ئۆستەڭ يېزىسىغا 2015-يىلىدىن كېيىن سېلىنغان تۈرمىنىڭ گۇگېل خەرىتىسىدىكى ئورنى.

2-سۈرەتتىكى سېرىق سىزىق ئىچى ئىككى قەۋەتلىك تۈرمە بولۇپ، تەخمىنەن 150 كامېر بار.

3-سۈرەتتىكى سېرىق سىزىق ئىچىدىكى قىزىل رەڭلىك كۆرۈنگىنى 11 رەت سېلىنغان جازا لاگېرىنىڭ ئورنى بولۇپ، بۇ يەردە تەخمىنەن 100 ئەتراپىدا كامېر بار.

  4-سۈرەتتىكى جازا لاگېرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 100 مو ئەتراپىدا بولۇپ، سېپىل تېمى بىلەن ئىككى بۆلەككە ئايرىلغان. ئەتراپى بولسا سېپىل تام  بىلەن تولۇق قورشالغان. سېپىلنىڭ ئومۇمىي قورشاۋ تاملىرىدا جەمئىي ئون كۆزىتىش مۇنارى بار.

 تۈرمىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشلىرىدىن ئىچىدىكى كامېرلارنىڭ ئەھۋالىنى پەرەز قىلماق تەس ئەمەس.

 

 

بۇ خەۋەر 1280 قېتىم كۆرۈلدى
28/05/2019 15:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق