شەرقىي تۈركىستاننىڭ رامىزان ئېيىدىكى ئەڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرى ئېلان قىلىندى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ رامىزان ئېيىدىكى ئەڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرى ئېلان قىلىندى

يۇتيۇب قانىلىدا ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار جوۋ خەتتاب تۈنۈگۈن ئۆز قانىلىدا شەرقي تۈركىستان ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى كۆرۈنۈشلەرنى ئېلان قىلغان.
ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملاردىن خەۋەردار بولغان خەتتاب بۇ رامىزان ئېيىدا شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەتكە بارغان ۋە قىممەتلىك كۆرۈنۈشلەرگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ دەسلەپكى بېكىتى ئۈرۈمچى بولۇپ، ساياھەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر ماكان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان.
ئۇ ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارالىق چوڭ بازارنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇر دۇكاندارلارنىڭ چىرايىدىكى ۋەھىمە ۋە قورقۇنچتىن ھەيران قالغان. ئۇ يەنە رامىزان مەزگىلىدە روزا تۇتىدىغانلارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، مۇشۇنداق مۇھىم ئايدىمۇ مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇيدىغانلارنى كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، مەسچىتلەرنىڭ پۈتۈنلەي تاقالغانلىقىنى، ئەزاننىڭمۇ چەكلەنگەنلىكىنى ئېيتقان.
ۋىدېئودا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ مەلۇم ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا كىرىپ، بىر ئۇيغۇر ياش بىلەن ئەھۋاللاشقان ۋە ئۇنىڭغا بۇ ئاينىڭ رامىزان ئېيى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ روزا تۇتقان-تۇتمىغانلىقىنى ئېيتقاندا ئۇ ياش بىردىنلا جىمىپ كېتىپ، جىددىيلىشىشكە باشلىغان ۋە دەرھال بىر تال گۆش ئېلىپ يەپ، ئۆزىنىڭ روزا تۇتمىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان.
ساياھەت جەريانىدا پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار ئۇنىڭغا ئەگىشىۋالغان بولۇپ، سىنغا ئېلىشى كۆپ قېتىم توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. ساقچىلار ئۇنىڭغا مەسچىتلەرنى سىنغا ئېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، بولمىسا ئاپپاراتلارنى مۇسادىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئۇلارنى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ، ئاپپاراتلىرىنى تەكشۈرگەن ۋە مەسچىتلەر چىقىپ قالغان ۋىدېئولارنى مەجبۇرىي يۇيۇۋەتكەن.
مەزكۇر ۋىدېئو بىر كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 300 مىڭ قېتىمغا يېقىن كۆرۈلگەن بولۇپ، جوۋ خەتتاب پات يېقىندا ئىككىنچى ۋىدېئونى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدا قەشقەرنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 2704 قېتىم كۆرۈلدى
28/05/2019 12:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق