خەلقئارالىق ئالىي كېڭىش قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ

خەلقئارالىق ئالىي كېڭىش قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ

ئالماس ھاجى

 

ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى شەرقي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا:

مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش سەۋەبلىرى

1. مەلۇمكى، ۋەتىنىمىزنىڭ ۋەزىيىتى كۈندىن-كۈنگە يامانلاشماقتا. خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ زۇلۇمى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئايلانماقتا. خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق قېرىنداشلىرىمىزنى جازا لاگېرلىرىغا، تۈرمىلەرگە سولاپ زىيانكەشلىك قىلماقتا ۋە ئۆلتۈرمەكتە. بولۇپمۇ مىللىتىمىزنىڭ ھەرساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن سەرخىللىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، كۆزدىن يوقىتىلماقتا، مىللىتىمىزنىڭ ئومۇرتقىسى ئېزىپ تاشلانماقتا. دىنىمىزنى، تىلىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى چەكلەش، يوقىتىش، خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى كۈندىن-كۈنگە تېزلەتمەكتە. نۆۋەتتە مىللىتىمىز ھايات-ماماتقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. بۇ ئەھۋال بىزدىن ئۆزئارا ئىتتىپاق بولۇشنى، تەشكىلاتلىرىمىزدىن ھەمكارلىشىپ خەلقئارالىق بىرلىكسەپ تۈزۈشنى، جىددىي پەيتلەردە باش قوشۇپ، پۇختا تۈزۈلگەن پىلان بىلەن، بىر-بىرىگە ماسلاشقان ھالدا تەڭ ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

 2. مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىكى شارائىت ۋە ئىمكانىيەت ئاساسىدا خىزمەت قىلماقتا. گەرچە بەزى تەشكىلاتلار رايون خاراكتېرلىق بىرلىكسەپ ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، زۆرۈر تېپىلغان جىددىي پەيتلەردە دۆلەتلەر ئارا بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، خۇلاسە تەكشۈرۈشلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خەلقئارا سەھنىدە قەدەملىرىمىز بىردەك بولمايۋاتىدۇ، ئاۋازىمىز تەسىر كۆرسەتكۈدەك كۈچلۈك چىقمايۋاتىدۇ، جىددىي پەيتلەردە بىر-بىرىگە ئاۋاز قوشمايۋاتىدۇ. بۇنداق بولغاندا پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىمىز. بىر قېتىملىق پۇرسەتنىڭ قولدىن كېتىشى دەۋا ئىشىمىزنى نەچچە ئون يىل ئارقىغا سۈرۈۋېتىشى مۇمكىن. تارىخىي ساۋاقلار بۇنى ئىسپاتلىدى. نۇرغۇن جەھەتلەردە ئاجىزلىقىمىز بىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىز خەلقئارانىڭ ياردىمىگە ۋە قوللىشىغا ئېھتىياجلىق. بۇ مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە پۇرسەتنى بىلىش ۋە پۇرسەتتىن پايدىلىنىش بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم مەسىلە. بەزىدە ئاجىزلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۈچلۈكلەردىن غالىب كېلىدۇ. ھازىر كۆز ئالدىمىزدىكى مۇھىم مەسىلە دۇنيا خەلقىنىڭ ياردىمى بىلەن خەلقئارالىق دېپلوماتىك بېسىم، جازالاش ۋە چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىتاينى جازا لاگېرلارنى تاقاشقا مەجبۇرلاش. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە پۇختا تەييارلانغان ئىستىراتېگىيەلىك پىلان ۋە ھالقىلىق مەزگىللەرگە توغرىلانغان دۇنيا خاراكتېرلىك ھەرىكەت پىلانى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، خۇلاسىسى بولۇش لازىم. بىر قانچە تەشكىلاتلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش قىيىنغا توختايدۇ. شۇڭا تەشكىلاتلار يۆنىلىشتە بىردەك تۇرۇپ، ئايرىم كۆزقاراشتىكى پەرقلەر تۈپەيلى بىر يەرگە كېلەلمەيدىغان، بىر-بىرىگە زەربە بېرىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرگە چەك قويۇش لازىم. «بىردىنبىر نوپۇزلۇق ئورگان»، «مەركىزى تەشكىلات»، «دۇنيا خاراكتېرلىق تەشكىلات» دېگەندەك ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كۆزقاراشلارنى تاشلاپ، ھەممە تەشكىلاتلار ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغان ھالدا، ئالاھىدىلىكلىرىنى جارى قىلدۇرالايدىغان، پاراللىل يوللار بىلەن ئورتاق نىشانغا ماڭالايدىغان بىرلىكسەپ تۈزۈپ، ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشالايدىغان، ئۆز ئەھۋالىمىزغا ماس كېلىدىغان يېڭى بىر سىستېما بەرپا قىلىشىمىز لازىم ۋە بۇ ئارقىلىق كۆپ خىللىققا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىدىغان ئادالەت ۋە باراۋەرلىك پىرىنسىپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، چېچىلاڭغۇ، تارقاق، زىددىيەتلىك ھالەتكە خاتىمە بىرىش زۆرۈر. دېمەك، ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىدىن ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلاشقان ئاساستا دۇنياۋى بىرلىكسەپ تۈزۈشنى تەلەپ قىلماقتا.

3. ئالدىمىزدىكى دۈشمەن بىزدىن ھەر جەھەتتىن كۈچلۈك، رەھىمسىزلىكتە چېكىدىن ئاشقان، ھىيلىگەرلىك ۋە نەيرەڭۋازلىقتا ئۇچىغا چىققان، ناھايىتى پۇختا پىلانلار بىلەن ئىش قىلىدىغان ئۈستۈنلۈككە ئىگە. يىللاردىن بېرى كۆكىمىزنى قىرقىپ، قىرقىپ بولۇپ ئازراق دەم ئالغۇزۇپ، ياخشىچاق بولۇپ كەلدى. شۇڭا ئارىمىزدىكى خېلى كۆپ كىشىلەر «بۇ دولقۇن ئۆتۈپ كەتسە، ۋەزىيەت ياخشى بولۇپ قالىدۇ» دەپ قارايدىغان بولۇپ قالدى ۋە بۇنىڭغا كۆنۈپ قالدى. بىراق خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتى ناھايىتى پۇختا تۈزۈلگەن، ئۇزۇن يىللىق پىلانلار ئاساسىدا يولغا قويۇلغان. ئۇنىڭ ياۋۇز تەبىئىتى، مۇستەملىكە سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ. مەقسىتى بولسا شەرقىي تۈركىستاننى مەڭگۈلۈككە ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش، بۇ زېمىندىن بىزنى يوقىتىشتۇر. بىز بۇ كۈچلۈك، ھىيلىگەر دۈشمەننى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى رەزىل مەقسىتىنى توغرا تونۇشىمىز بىلەن بىرگە، ئۆزىمىزنى ھەم توغرا تونۇشىمىز لازىم. بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تارقاق، زىددىيەتلىك، تايانچسىز، ھىمايىسىز ۋە جامائەتسىز، تەشكىلاتچانلىقىمىز ئاجىز ھالەتتە، ئوخشىمىغان شارائىتتا تۇرۇۋاتىمىز. بۇنداق ئاجىز ھالەتتە تۇرۇپ كۈچلۈك دۈشمەننى يېڭىش ئۈچۈن، خەلقئارادا دۈشمىنىمىزگە بېسىم ۋە كۈچ ئىشلىتەلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچلەرنىڭ بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ھال بىزدىن دۇنياۋى خاراكتېرلىك قوللاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن، دۇنياۋى خاراكتېرلىق بىرلىكسەپ تۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

دېمەك، ۋەتەننىڭ خەۋپلىك ۋەزىيىتى، تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ تارقاق ھالىتى، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئاجىزلىقلىرىمىز بىزدىن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدە يېڭى بۇرۇلۇش، يېڭى يۈكسىلىشنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغان يېڭى سىستېما بارلىققا كەلتۈرۈشنى، دۇنياۋى خاراكتېرلىق مۇكەممەل قۇرۇلما يېتەكچىلىكىدە كۈرەش قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا.

شۇڭلاشقا تەشكىلاتلىرىمىز ھازىرقى يەككە گەۋدىلىنىش ۋە ھەركىم ئۆزى بىلگەننى قىلىشتەك ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان، دۇنيا ۋەزىيىتىگە ماسلاشقان ھالدا، ھەمكارلىشىپ ھەركەت قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان بىر يېڭى سېستىما — شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارالىق ئالىي كېڭەش (قىسقارتىپ شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشى، ش ت ئا، SHTA) سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش زۆرۈر. بۇنداق ئادالەت ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا شەكىللەنگەن بىرلىشىش كۈچلۈك ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن يېڭى ھاياتى كۈچنى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمى ئېتىراپ قىلىنغان يېڭى قۇرۇلمىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ۋەزىيىتىمىزدە يېڭى بۇرۇلۇش، يېڭى يۈكسىلىش بارلىققا كېلىدۇ.

ئۇنداقتا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارالىق ئالىي كېڭىشىنى قايسى خىل ئۇسۇلدا تەسىس قىلىش كېرەك؟

1. بۇ ئىشنى قوللايدىغان تەشكىلاتلار، شەخسلەر بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك جامائەت پىكىرى ھازىرلاش، بۇ ھەقتىكى ئىجابىي پىكىرلەرنى توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

2. ئالدى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان تەشكىلاتلاردىن ئۈچتىن بەشكىچە تەشكىلاتتىن تەركىب تاپقان تەييارلىق كومىتېتىنى قۇرۇپ، كېڭىش ئېچىلىشتىن بۇرۇن زۆرۈر بولغان تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلەش لازىم. كېڭەشكە قاتنىشىدىغان نامزاتلار ئالدىن كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، نامزاتلارنىڭ سالاھىيىتى قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ بېكىتىلىشى لازىم. ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكىلەرگە چەك قويماسلىق، بىرەر خائىن، جاسۇسلارنىڭ كىرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش زۆرۈر.

3. تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىپ پۈتكەندىن كېيىن، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان كۆزگە كۆرۈنگەن ئۆلىمالار، زىيالىلار، مۇستەقىل پائالىيەتچىلەرنىڭ سايلام بىلەن كۆرسىتىلگەن ۋەكىللىرى قاتناشقان ھالدا يىغىن چاقىرىش ۋە بۇ يىغىندا كېڭەشكەن ھالدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارالىق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنىنى تەسىس قىلىش، ئالىي كېڭەشنىڭ نىزامنامىسىنى ماقۇللاش، شۇ ئاساستا تەشكىلىي پىرىنسىپى، خىزمەت تەرتىپى، قائىدە-تۈزۈملىرىنى بەلگىلەش، ئالىي كېڭەش تەشكىلى ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە تەستىقلاش.

4. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئىستىراتېگىيەلىك كۈرەش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش ياكى تۈزۈلگەن پىلان بولسا مۇھاكىمە قىلىپ تەستىقلاش.

5. ئالىي كېڭەشكە قاتناشقان تەشكىلاتلارنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن تۈزگەن خىزمەت پىلانلىرىغا ھۆرمەت قىلغان ھالدا نۆۋەتتىكى خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزۈش ۋە خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلەش، تەقسىم قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باسقۇچلىرى، خۇلاسە تەكشۈرۈشلىرىنى بەرپا قىلىش.

6. يەنە باشقا مۇھىم نۇقتىلار.

يۇقىرىدا شەخسىي قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. قېرىنداشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشىنى، خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ، كەم تەرەپلىرىنى تولۇقلىشىنى، بىر-بىرىگە يەتكۈزۈپ، كەڭ دائىرىدە جامائەت پىكىرى توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىغا ئېلىپ، كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

 

 

 

بۇ خەۋەر 1289 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2019 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق