ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈركىيە پۇقرالىقى تەلەپ قىلىندى

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈركىيە پۇقرالىقى تەلەپ قىلىندى

24-ئۇيغۇر تەشكىلات يېتەكچىلىرى ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى نامزاتى بىنالى يىلدىرىمغا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋە جۇمھۇر ئىتتىپاقىنىڭ ھازىرقى ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى نامزاتى بىنالى يىلدىرىم تۈرك دۇنياسى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشقان بىر يىغىلىشقا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئىشتىراك قىلغان.
يىغىلىشتا ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، تۈركىيەدە 55 مىڭ ئەتراپىدا شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىچدىكى 15 مىڭ كىشىنىڭ تۈركىيە نوپۇسى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئولتۇراق ئۆي قاتارلىق سەھەلەردە قىيىنچىلىقىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا كېتىدىغان يېرىنىڭ قالمىغانلىقىنى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە قارا نوپۇس ھالىتىدە ئۇزۇن ياشاشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ باشقا ياقلارغا كېتىشكە تەمشىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قان-قېرىندىشى تۈركىيە دۆلىتى تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەردىن پاناھلىق سوراشنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ياخشى ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارغا پۇقرالىق بېرىشى كرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان يەنە ئۇيغۇرلار ئەڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون زەيتىنبۇرنۇدا ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ۋە ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن باش مەسلىھەتچى ئىلياس ساقا ئەپەندىنىڭ ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈپ، مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
يىغىلىشتا سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

بۇ خەۋەر 1765 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2019 18:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق