چاۋۇشئوغلۇ ياپونىيەنىڭ ئەڭ ئالىي دۆلەت ئوردېنىغا لايىق كۆرۈلدى

چاۋۇشئوغلۇ ياپونىيەنىڭ ئەڭ ئالىي دۆلەت ئوردېنىغا لايىق كۆرۈلدى

خەۋەر يەتتە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياپونىيە پادىشاھى نارۇھىتو تەرىپىدىن «كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئۇلۇغ نىشانى دۆلەت ئوردىنى» (Grand Cordon of the Order of Rising Sun) غا لايىق كۆرۈلگەن.
خەۋەردە مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۈركىيە ۋە ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ئۈچۈن ياپونىيە پادىشاھى نارۇھىتو تەرىپىدىن دۆلەت ئوردېنىغا لايىق كۆرۈلگەنلىكى، ياپونىيەنىڭ ئەڭ ئالىي دۆلەت ئوردېنى ھېسابلىنىدىغان بۇ مۇكاپاتنىڭ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا تەقدىم قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە-ياپونىيە پارلامېنتلىرى دوستلۇق ھەيئىتىگە باشلىق بولغان مەزگىللەردە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەزگىلىدە ياپونيەنىڭ سىياسىي زاتلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئۇ ياپونىيە مەدەنىيىتىگە ئالاھىدە قىزىقىپلا قالماستىن، ياپون تىلىنىمۇ ياخشى بىلىدىكەن.
مەزكۇر دۆلەت ئوردېنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى 1958-يىلىدا مەرھۇم باش مىنىستىر ئادنان مەندەرەسكە، كېيىن مەرھۇم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فاتىن رۇشتۇ زورلۇغا ۋە 2009-يىلى ب د ت نىڭ تەرەققىيات پىروگراممىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان كامال دەرۋىشكە بېرىلگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 767 قېتىم كۆرۈلدى
23/05/2019 13:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق