روزا تۇتقان ئوقۇغۇچى جازالاندى

 


17-ماي خىتاي نىڭشيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى روزا تۇتقانلىقى ئۈچۈن جازالانغان.
نىڭشيا ئۇنىۋېرسىتېتى «2019 (4)» نومۇرلۇق ھۆججەت چىقىرىپ، خالى ئىسىملىق ئوقۇغۇچىغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرش جازاسى بەرگەن.
ھۆججەتتە خالىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدا دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ روزا تۇتقانلىقى، روزا تۇتۇش قىلمىشىنىڭ مەكتەپ قائىدىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇنىڭغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ھۆججەتتە يەنە بۇنىڭ خالىنى جازالاش، باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

بۇ خەۋەر 1391 قېتىم كۆرۈلدى
22/05/2019 19:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق