پاكىستان بىر دىۋىزىيە قىسىم بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنى قوغدىماقچى بولدى

پاكىستان بىر دىۋىزىيە قىسىم بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنى قوغدىماقچى بولدى

ھىندىستان ئېكسپرېس گېزىتىنىڭ 19-مايدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى ھەپتە بەلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ گىۋادار پورتىدا خىتاينى نىشان قىلغان ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پاكىستان ئارمىيەسى بىر دىۋىزىيە ئالاھىدە قىسىم قۇرۇپ، پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنى قوغدىماقچى بولغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بەلۇجىستان ئازادلىق تەشكىلاتى ئېلان قىلغان خىتاينى پاكىستاندىن، شۇنداقلا بەلۇجىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش ھەققىدىكى بايانات خىتاينى قاتتىق ساراسىمىگە سالغان بولۇپ، خىتاينىڭ پاكىستانغا سالغان 50 مىليارد دوللارلىق مەبلىغى تەھدىتكە ئۇچراشقا باشلىغان. خىتاي مەزكۇر مەبلەغ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر بىلەن گىۋادارغا تۇتاشقان ئىقتىسادىي كارىدورىنى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان، پاكىستان بولسا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان خىتايلار ۋە يولنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولغان بولۇپ، پاكىستاندا خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپىيىشى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باش قېتىنچىلىقىغا ئايلانغان. يەنە كېلىپ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇشقا تېگىشلىك زور سوممىلىق قەرزى بولغانلىقتىن، بارلىق كۈچى بىلەن پاكىستاندىكى خىتايلارنى قوغداشقا بەل باغلاپ، مەخسۇس خىتاي پۇقرالىرىنى قوغدايدىغان ئالاھىدە قىسىم قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىغان.
خەۋەردە يەنە قۇرۇلماقچى بولغان ئالاھىدە قىسىمنىڭ توققۇز مىڭ پاكىستان ئەسكىرى ۋە ئالتە مىڭ قوراللىق ساقچىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 780 قېتىم كۆرۈلدى
22/05/2019 00:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق