مالايشىيادىن كەلگەن تەشكىلات ھەيئىتى مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

 

 

18-ماي مالايشىيادىن كەلگەن ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.
مالايشىيا ئىكرام تەشكىلاتى (Pertubuhan Ikram) رەئىسى سەھرولئامان بىن مۇھەممەد سارى (Şahrul Aman Bin Muhammed Sarı) ۋە مىيجارە (Mycare) كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىش ۋە ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى رەئىسى سەيىد مۇھەممەد رادھى سەييىد سەققاڧ (Syed Muhammed Radhi Syed Sakkaf) باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ئىشخانىسىدا جەمئىيەت رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە جەمئىيەت مۇئاۋىن رەئىسى، ژۇرنالىست مۇساجان ئەر تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىندى.
زىيارەتكە كەلگەن مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ئەھۋالى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار ئىستراتېگىيەلىك پىلانلار ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

 

بۇ خەۋەر 1167 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2019 00:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق