خىتاي ئۈرۈمچىدە «ئادەمسىز ئۇچقۇ ساقچىسى»نى ئىشقا سېلىشقا باشلىدى

 

13-ماي خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەرگەن خەۋەرلەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە «ئادەمسىز ئۇچقۇ ساقچىسى»نى ئىشقا سېلىشقا باشلىغان.
شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى خەلقئارادا مۇھىم كۈنتەرتىپكە كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە خىتاي خەلقئارانىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان رەزىل سىياسەتلىرىنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق پەردازلاپ كۆرسىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا كۈچىمەكتە.
گەرچە خەۋەردە ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماقلىرى قاتناش قىستاڭچىلىقى ۋە ھادىسە بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئادەمسىز ئۇچقۇنى ئىشقا سېلىپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقى دەۋا قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئادەمسىز ئۇچقۇ ئارقىلىق خەلقنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، نازارەت قىلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقىدەك ھەقىقىي مەقسىتىنى يوشۇرغان.
خەۋەردە ئادەمسىز ئۇچقۇنىڭ ھەرقايسى يول بۆلەكلىرىنى چارلاپ، ئەمەلىي كۆرۈنۈشلەرنى قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ قوماندانلىق مەركىزىگە يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى، ساقچىلارنىڭ دەرھال كۈچ تەشكىللەپ، تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى، ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلغۇچى ساقچىلارنىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇدا تارتىلغان كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق، ھادىسە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىلنىڭ ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1485 قېتىم كۆرۈلدى
15/05/2019 13:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق