خىتاي رامىزان مەزگىلىدە باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى

 

 

13- ماي ئامرىكا ئاۋازى خەرىدە  ئاشكارىلىشىچە، رامىزان ئېيى كىرگەن بىر ھەپتىدىن بۇيان خىتاي كىشىلەرنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش ئۈچۈن خوتەن ۋىلايىتىدىنلا 137 ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان. بۇ كىشىلەر «قارشىلىق كەيپىياتى بار» دېگەن باھانە بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى روزا تۇتقان 30 كىشى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندى دەپ قارىلىپ، تۈرمىگە تاشلانغان، قالغانلىرى لاگېرغا قامالغان.

ئۇندىن باشقا ئىلى ۋىلايىتىدىكى جازا لاگېرىدىكىلەرنى ئىشلىتىدىغان مەلۇم زاۋۇتتا ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان 500 دىن ئارتۇق قازاق قىز-ئاياللار يۆتكەپ كېتىلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى 16 ياشتىن 25 ياشقىچە بولۇپ، قەيەرگە يۆتكەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمىغان.

خىتاي رامىزان مەزگىلىدە يەنە ھەرقايسى جايلاردا زىياپەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارنى ھەر كۈنى خىتايلار بىلەن بىللە تاماق يېيىشكە مەجبۇرلىغان. ئۇندىن باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ھەركۈنى مەكتەپ ئاشخانىسىدا تاماق يېيىشى نازارەت قىلىنىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان

بۇ خەۋەر 1361 قېتىم كۆرۈلدى
14/05/2019 16:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق