خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىدارە-ئورگانلىرىدا ئىشلىتىلىشى مەنئىي قىلىندى

خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىدارە-ئورگانلىرىدا ئىشلىتىلىشى مەنئىي قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خۇاۋېي، ZTE، خەينېڭدا (Hytera)، خەيكاڭ (Hikvision) ۋە داخۇا (Dahua) قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشىنى ۋاقىتلىق مەنئىي قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرىگە يولغا قويغان يېڭى چەكلىمىسى تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى يىلدىن بۇيان خىتاي شىركەتلىرىگە قاراتقان بېسىملىرىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.
تىرامپ ھۆكۈمىتى بۇ چەكلىمىگە ئاساسەن خۇاۋېي قاتارلىق خىتاينىڭ تېخنىكا شىركەتلىرىدىن ZTE، خەينېڭدا (Hytera)، خەيكاڭ (Hikvision) ۋە داخۇا (Dahua) دىن ئىبارەت بەش شىركەت ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلارنىڭ سېتىۋېلىشى ۋە ئىشلىتىشىنى ۋاقىتلىق مەنئىي قىلدى.
خەۋەردە بۇ چەكلىمىنىڭ ئالدىنقى يىلى ئامېرىكىدا قوبۇل قىلىنغان «دۆلەت بىخەتەرلىكى ھوقۇقى قانۇنى» بويىچە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. قانۇندا ئامېرىكا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئۈستى يېپىق شەكىلدە تېلېفون-تېلېگراف شىركەتلىرىدىن ئەسلىھە ۋە مۇلازىمەت سېتىۋېلىشى چەكلەنگەن ئىدى.
خۇاۋېي شىركىتى ئېلان قىلغان باياناتتا بۇ چەكلىمىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقى نۇقتىسىدىن قارشىلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 5G تېخنىكىسى ئۇل-ئەسلىھە خىزمەتلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىۋاتقان خۇاۋېي شىركىتىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ئامېرىكا خەلقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خۇاۋېي بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «خۇاۋېي خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى رەت قىلغان ئىدى.
ئامېرىكىدا چەكلەنگەن بەش خىتاي شىركىتىنىڭ بىرسى بولغان خەيكاڭ (Hikvision) ئېلان قىلغان باياناتتا بولسا شىركەتنىڭ پائالىيەت قىلغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. باياناتتا خەيكاڭنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قويغان شەرتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ خەۋەر 793 قېتىم كۆرۈلدى
08/08/2019 15:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق