رۇسىيە ۋە خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرى كورىيە-ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە بۆسۈپ كىردى

رۇسىيە ۋە خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرى كورىيە-ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە بۆسۈپ كىردى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈنۈگۈن رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ھەربىي ئايروپىلانى كورىيە ۋە ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە رۇخسەتسىز بۆسۈپ كىرگەن.
تۈنۈگۈن كورىيە ھەربىي تەرەپ بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى ئايروپىلانىنىڭ كورىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن قانۇنسىز ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى، شۇڭا كورىيە تەرەپنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا يەنە ئوخشاش كۈندە خىتاينىڭ ئىككى بومباردىمانچى ئايروپىلانى ۋە رۇسىيەنىڭ بىر بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ كورىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيەمۇ بۇ ھەقتە ئوخشاش بايانات ئېلان قىلغان. رۇسىيە ۋە خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرى رۇخسەتسىز ئۇچۇپ ئۆتكەن رايون ئەمەلىيەتتە كورىيە ۋە ياپونىيە ئىككىلا تەرەپ ئىگىلىك ھوقۇقىمىز بار، دەپ قارالغان ئارال ئىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ مەسىلىدە كورىيە ۋە ياپونىيەنىڭ مەيدانىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيە بۇ ھەپتە خىتاي بىلەن يېڭى بىر ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسى ئىمزالىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇندىن كېيىن خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى چارلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋالغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 969 قېتىم كۆرۈلدى
24/07/2019 12:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق